إعدادات العرض
جەننەتكە كىرىدىغان شەھىدتىن باشقا بىرەر كىشى زېمىندىكى بارلىق نەرسە ئۇنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، دۇنياغا قايتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شەھىد ئۆزى كۆرىۋاتقان ھۆرمەت ئۈچۈن…
جەننەتكە كىرىدىغان شەھىدتىن باشقا بىرەر كىشى زېمىندىكى بارلىق نەرسە ئۇنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، دۇنياغا قايتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شەھىد ئۆزى كۆرىۋاتقان ھۆرمەت ئۈچۈن دۇنياغا قايتىپ، يەنە ئون قېتىم ئۆلتۈرۈلۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە كىرىدىغان شېھىتتىن باشقا بىرەر كىشى زېمىندىكى بارلىق نەرسە ئۇنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، دۇنياغا قايتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شەھىد ئۆزى كۆرىۋاتقان ھۆرمەت ئۈچۈن دۇنياغا قايتىپ، يەنە ئون قېتىم ئۆلتۈرىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە: شېھىت بولغۇچى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇشنىڭ پەزىلىتىنى كۆرگەندىن كىيىن قايتىدىن شېھىت قىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، دېيىلگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी සිංහල Kurdîالشرح
جەننەتكە كېرىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتكۈل زېمىن ئىچىدىكى ئېسىل نەرسىلەر، خەزىنىلەر، ئالى قەسىر-ئوردىلار، گۈزەل باغلار ئىنئام قىلىنسىمۇ، جەننەتتىن ئايرىلىپ، دۇنياغا يەنە بىر قېتىم قايتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھېچ كىشى چىقمايدۇ، شەھىد بۇنىڭ سېرتىدا بولۇپ، ئۇ شەھىدلەر ئېرىشىدىغان ھۆرمەتنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ھەر قېتىم ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ، شەھىدلىك ئىزدەپ، بىر قېتىمنىڭ ئورنىغا ئون قىتىم شەھىدلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنياغا ئون قېتىملاپ قايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇالتصنيفات
جىھادنىڭ پەزىلىتى