إعدادات العرض
كىمكى ئاللاھ يولىدا جۇپ-جۇپى بىلەن نەرسە سەرپ قىلسا، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! بۇ ئىشىك ياخشىدۇر دەپ چاقىرىلىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ناماز…
كىمكى ئاللاھ يولىدا جۇپ-جۇپى بىلەن نەرسە سەرپ قىلسا، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! بۇ ئىشىك ياخشىدۇر دەپ چاقىرىلىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ناماز ئەھلى بولسا ناماز ئىشىكىدىن، جىھاد ئەھلى بولسا جىھاد ئىشىكىدىن چاقىرىلىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ يولىدا جۇپ-جۇپى بىلەن نەرسە سەرپ قىلسا، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! بۇ ئىشىك ياخشىدۇر دەپ چاقىرىلىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ناماز ئەھلى بولسا ناماز ئىشىكىدىن، جىھاد ئەھلى بولسا جىھاد ئىشىكىدىن، روزا ئەھلى بولسا رەييان ئىشىكىدىن، سەدىقە ئەھلى بولسا سەدىقە ئىشىكىدىن چاقىرلىدۇ» دېدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىرەر كىشىنىڭ ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ بىرەرىدىن چاقىرىلىشىنىڭ نېمە زۆرۈرىيتى؟ بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلامدۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھە-ئە چاقىرىلىدۇ، مەن سېنىڭ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी සිංහල Hausa Kurdî Kiswahili Portuguêsالشرح
كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ ئۆزى ئىگە بولغان يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، قاتناش ۋاستىلىرى(ئۇلاغ)ۋە نەخ پۇل قاتارلىق نەرسىلەردىن جۈپ-جۈپى بىلەن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلسا، پەرىشتىلەر ئۇ كىشىنىڭ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن ئۇ كىشىنى چاقىرىپ: ھاياتىڭدا كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭ، بۈگۈن ئۇ ياخشىلىقىڭغا ئاساسەن كاتتا ساۋاپقا ئېرىشىسەن دەيدۇ. كۆپ ناماز ئوقۇغۇچىلار ناماز ئىشىكىدىن چاقىرىلىپ ئۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كېرىدۇ، سەدىقىنى كۆپ قىلغۇچىلار سەدىقە ئىشىكىدىن چاقىرىلىپ، ئۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كېرىدۇ، كۆپ روزا تۇتقۇچىلارنى پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ كېرىشى ئۈچۈن تەييارلانغان رەييان ئىشىكىنىڭ ئالدىدا كۈتىۋالىدۇ، رەييان دېگەن ئۇسسۇزلۇققا قېنىش دېگەن بولۇپ، روزا تۇتقۇچىلار سۇ ئېچىشتىن چەكلەنگەنلىكتىن ئۇسساپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ يازنىڭ ئىسسىغىدىكى ئۇزۇن كۈنلەردە چاڭقايدۇ، ئۇلار دۇنيادا ئۇسسۇزلۇققا سەۋىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى جەننەتكە كېرىدىغان رەييان ئاتلىق ئىشىكتە ئۇسسۇزلۇققا قانىدۇ. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا: ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مۇشۇ ئىشىكلەردىن جەننەتكە كېرگەن كىشىگە كەمچىلىك ۋە زېيان تارتىش بولمايدىغۇ؟!، بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرلامدۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە چاقىرىلىدۇ، مەن سېنىڭ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ ئۇنىڭغا ياخشى بىشارەت بەرگەنالتصنيفات
جەننەت ۋە دوزاخنىڭ سۈپەتلىرى