إعدادات العرض
ناۋادا «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى
ناۋادا «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالتە ساھابە بىلەن تاماق يەۋاتاتتى، بىر سەھرالىق ئادەم كىلىپ ئۇنىڭدىن ئىككى كاپام يېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇ «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt Hausa Kurdîالشرح
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن ئالتە كىشى بىلەن بىللە تاماق يەۋاتاتتى، بىر سەھرالىق ئادەم كىلىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئىككى لوقما تاماق يېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇ «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى، لېكن ئۇ «بىسمىللاھ» دېمىدى، قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىككى لوقما بىلەن يەۋەتتى، تاماق يەتمىدى» دېدى، بۇ، ئىنسان «بىسمىللاھ» دېمىسە تامىقىدىن بەرىكەت تارتىۋىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇالتصنيفات
يىمەك-ئىچمەك ئەخلاقى