إعدادات العرض
1- ?ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا يېمەكلىك يەپ ياكى ئىچىملىك ئېچىپ ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقان بەندىسىدىن ئەلۋەتتە رازى بولىدۇ
2- ئى ئوغلۇم، «بىسمىللاھ» دەپ، ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن ۋە ئالدىڭدىن يېگىن
3- ?سىلەرنىڭ بىرىڭلار يېمەك يېسە ئوڭ قولىدا يېسۇن، ئېچىملىك ئىچسە ئوڭ قولى بىلەن ئىچسۇن، ھەقىقەتەن شەيتان سول قولىدا يەيدۇ ۋە سول قولىدا ئېچىدۇ
4- بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن» دېدى، ئۇ كىشى: قادىر بولالمايمەن ياكى يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«قادىر بولالمامسەن-يېيەلمەمسەن؟
5- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېچبىر تاماقنى ئەيىبلىمىگەن، ياقتۇرسا يەيتتى، ياقتۇرمىسا قويۇپ قوياتتى
6- بىرىڭلار تاماق يەپ بولغاندا قولىنى يالىۋېتىش ياكى يالىتىۋېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئېيتىۋەتمىسۇن
7- ھاراقنىڭ ھاراملىقى تۇغرىسىدا ئايەت چۈشتى، ئۇ بەش نەرسىدىن ياسىلىدۇ: ئۈزۈم، خورما، ھەسەل، بۇغداي، ئارپا
8- ئاللاھنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان تاماقنى شەيتان يەپ قويىدۇ. شەيتان بۇ قىزنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم، بۇ ئەرابى(سەھرالىق)نى ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭمۇ قولىنى تۇتۇۋالدىم. ئاللاھقا قەسەمكى، شەيتاننىڭ قولى، ئۇ ئىككەيلەننىڭ قولى بىلەن مېنىڭ قولۇمدا
9- ناۋادا «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى
10- تامىقىڭلارنى بىر قاچىغا يېغىپ يەڭلار! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلاڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تامىقىڭلاردا بەرىكەت بېرىدۇ
11- خورمىنى جۈپلەپ يېمەڭلار، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خورمىنى جۈپلەپ يېيىشتىن توسقان. ئاندىن: ئەمما ھەمراھىدىن رۇخسەت ئېلىپ يېسە دۇرۇس، دېگەن
12- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن يەپ، يەپ بولغاندىن كىيىن بارماقلىرىنى يالىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم
13- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاغزىنى چېقىق، ئىچى كۆرەلمەيدىغان قاچىدا سۇ ئېچىشتىن چەكلىگەن
14- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىككە پۈۋلەشتىن قەتئىي چەكلىدى
15- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى بارماقلىرىمىزنى ۋە تاماق قاچىمىزنى يالىۋېتىشكە بۇيرۇيتتى ۋە: «بەرىكەتنىڭ تامىقىڭلارنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر»دەيتتى
16- مەن ئەنەس ئىبنى مالىك بىلەن بىللە بىر قانچە مەجۇسىلارنىڭ يىنىدا ئىدۇق، كۆمۈش قاچىدا ھالۋا كەلتۈرۈلگەندە ئەنەس ئۇنى يېمىدى
17- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇلۇمىغا قۇرۇق ئۈزۈم سىلىپ قويىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ كۈنى، ئەتىسى ۋە ئۆگۈنى ئىچەتتى، ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئىچىپ، (باشقىلارغا) ئىچۈرۈپ، ئېشىپ قالغىنىنى تۆكۈۋىتەتتى