إعدادات العرض
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىككە پۈۋلەشتىن قەتئىي چەكلىدى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىككە پۈۋلەشتىن قەتئىي چەكلىدى
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىككە پۈۋلەشتىن چەكلىدى. بىر كىشى: ئەگەر قاچىدا توپىدەك بىر نەرسە كۆرۈپ قالسامچۇ؟ دىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى تۆكۈۋەتكىن، دىدى. ئۇ: مەن بىر تىنىپ ئىچىش بىلەن قانمايمەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا قاچىنى ئاغزىڭدىن يىراق قىلغىن، دىدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdîالشرح
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىككە پۈۋلەشتىن چەكلىۋىدى، بىر كىشى ئۇنىڭدىن: ئى رەسۇلۇللاھ توپىغا ئوخشاش بىر نەرسىلەر ئىچىملىككە چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئىنسان سۇنى پۈۋلەپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداق نەرسە چۈشۈپ قالغان سۇنى تۆكۈۋەتكىن، ئەمما ئۇنىڭغا پۈۋلىمىگىن، دېدى. ئاندىن ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر تىنىپ ئىچىش بىلەن قانمايدىغانلىقىنى دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قاچىنى ئاغزىدىن يىراق قىلىپ، نەپەس ئېلىپ ئاندىن قايتا ئىچىشكە بۇيرىدىالتصنيفات
يىمەك-ئىچمەك ئەخلاقى