?ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا يېمەكلىك يەپ ياكى ئىچىملىك ئېچىپ ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقان بەندىسىدىن ئەلۋەتتە رازى بولىدۇ

?ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا يېمەكلىك يەپ ياكى ئىچىملىك ئېچىپ ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقان بەندىسىدىن ئەلۋەتتە رازى بولىدۇ

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا يېمەكلىك يەپ ياكى ئىچىملىك ئېچىپ ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقان بەندىسىدىن ئەلۋەتتە رازى بولىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان ئىشلاردىن؛ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە ۋە پەزىلەتلىرىگە رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىش. يېمەك يېگەندىن كېيىن ئەلھەمدۇ لىللاھ دېيىش. ئېچىملىك ئېچكەندىن كېيىن ئەلھەمدۇ لىللاھ دېيىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

فوائد الحديث

ئاللاھ تائالانىڭ ئېسىللىكى ۋە سېخىلىقىدىن: بەندىسىگە رىزىق ئاتا قىلىپ بەندە ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە رازى بولىدىغانلىقى.

يېمىك-ئېچمەكتىن كېيىن ھەمدە ئېيتقانغا ئوخشاش ئاسان سەۋەپلەر بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى.

يېمەك-ئېچمەكنىڭ ئەدەپلىرىدىن: يېمەك-ئېچمەكتىن كېيىن ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش.

التصنيفات

يىمەك-ئىچمەك ئەخلاقى, يىمەك-ئىچمەك ئەخلاقى