إعدادات العرض
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن» دېدى، ئۇ كىشى: قادىر بولالمايمەن ياكى…
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن» دېدى، ئۇ كىشى: قادىر بولالمايمەن ياكى يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«قادىر بولالمامسەن-يېيەلمەمسەن؟
سەلەمەتە بىن ئەكۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن» دېدى، ئۇ كىشى: قادىر بولالمايمەن ياكى يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«قادىر بولالمامسەن-يېيەلمەمسەن؟»دېدى، ئۇ كىشىنى تەكەببۇرلۇق ئوڭ قولى بىلەن يېيىشتىن چەكلەپ قويدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولى بىلەن يېمەك يىيەلمىدى.
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Kiswahili Português සිංහල Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or Tiếng Việt नेपाली Malagasy Kinyarwanda తెలుగు Lietuvių Oromoo Română മലയാളം Nederlands Soomaali Српски Українська Deutsch ಕನ್ನಡ Wolof Moore Shqip ქართული Azərbaycan Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇ كىشىنى ئوڭ قولى بىلەن يېيىشكە بۇيرىدى. ئۇ كىشى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، يالغان ئېيتىپ: قادىر بولالمايمەن-يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ ئوڭ قولى بىلەن يېيىشتىن مەھرۇم قىلىنىشىغا دۇئا قىلدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى، ئۇ كىشى شۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولى بىلەن ھېچ نەرسە يېيەلمىدى.فوائد الحديث
ئوڭ قولى بىلەن يېيىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى، سول قولى بىلەن يېيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.
شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن چوڭچىللىق قىلغان، تەكەببۇرلۇق قىلغان كىشى جازاغا لايىق بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىش بىلەن ئىكرام قىلدى.
بۇ ھەدىستە ھەر قانداق ھالەتتە ھەتتا يېمەك-ئىچمەك ۋاقتىدىمۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
التصنيفات
يىمەك-ئىچمەك ئەخلاقى