ئى ئوغۇل! بىسمىللاھ دېگىن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئالدىڭدىن ئىلىپ يېگىن

ئى ئوغۇل! بىسمىللاھ دېگىن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئالدىڭدىن ئىلىپ يېگىن

ئۆمەر بىن ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە تەربىيلىنىۋاتقان بالا ئېدىم، تاماق يېگەندە قولۇم قاچىنىڭ ھەممە يېرىنى سىلاشتۇراتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېدى:« ئى ئوغۇل! بىسمىللاھ دېگىن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئالدىڭدىن ئىلىپ يېگىن»، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق قىلدىم.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئوغلى ئۆمەر بىن ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: (ئۇ بالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيەسى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن) ئۇ يېمەك يېگەندە يېمەكنى ئېلىش ئۈچۈن قاچىنىڭ ھەممە تەرىپىگە قولىنى ئۇزىتاتتى، بۇنى كۆرگەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا يېمەك-ئېچمەك ئەدەپ قائىدىلىرىدىن ئۈچ تۈرلۈك ئەدەپ-ئەخلاقنى تەلىم بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: بىرىنچى: يېمەك يېيىشتىن ئىلگىرى بىسمىللاھ دېيىش. ئىككىنچى: ئوڭ قولى بىلەن يېيىش. ئۈچىنچى: يېمەكنى ئۆزىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن يېيىش.

فوائد الحديث

يېمەك-ئېچمەكنىڭ ئەدەپلىرىدىن دەسلەپتە بىسمىللاھ دېيىش.

كېچىك بالىلارغا ئەدەپ-ئەخلاق ئۈگىتىش، بولۇپمۇ ئىنسان ئۆزىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى بالىلارنى ياخشى تەربىيلەش.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مېھرىبانلىقى، كېچىك بالىلارغا تەلىم بېرىش ۋە ئەدەپ ئۈگىتىشتە كۆڭلى-كۆكسىنىڭ كەڭرىلىكى بايان قىلىنىدۇ.

يېمەك يېيىشنىڭ ئەدەپلىرىدىن ئىنسان يېمەكنى ئۆزىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن يېيىش، ئەمما يېمەكلىك بىر قانچە تۈرلۈك بولسا قولىنى سوزۇپ ئېلىپ يېسە بولىدۇ.

ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەلىم بەرگەن ئەدەپ-ئەخلاقلارنى لازىم تۇتىشى، بۇنى ئۆمەر بىن سەلەمەنىڭ: مەن شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلىم بەرگەن بويىنچە يېمەك يېدىم دېگەن سۆزى ئىپادىلەيدۇ.

التصنيفات

يىمەك-ئىچمەك ئەخلاقى, يىمەك-ئىچمەك ئەخلاقى