إعدادات العرض
قايسى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ كاتتا؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: تىنىڭ ساغلام، پۇل-مالغا ئىھتىياجلىق تۇرۇپ، كەمبەغەللىقتىن قورققان ۋە بايلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋاقتىڭدا سەدىقە…
قايسى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ كاتتا؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: تىنىڭ ساغلام، پۇل-مالغا ئىھتىياجلىق تۇرۇپ، كەمبەغەللىقتىن قورققان ۋە بايلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋاقتىڭدا سەدىقە قىلىشىڭ، دېدى. ئۆلۈم سەكراتىغىچە سەدىقە قىلىشنى ئارقىغا سوزمىغىن، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مال-مۈلىكىمنى پالانچىغا بېرىڭلار، بۇنى پالانچىغا بېرىڭلار دەيسەن ھالبۇكى ئۇ ۋاقىتتا مال-مۈلىكىڭ پالانچىغا تەۋە بولۇپ بولغان بولىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ قايسى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ كاتتا؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: تىنىڭ ساغلام، پۇل-مالغا ئىھتىياجلىق تۇرۇپ، كەمبەغەللىقتىن قورقۇغان ۋە بايلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋاقتىڭدا سەدىقە قىلىشىڭ، دېدى. ئۆلۈم سەكراتىغىچە سەدىقە قىلىشنى ئارقىغا سوزمىغىن، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مال-مۈلىكىمنى پالانچىغا بېرىڭلار، بۇنى پالانچىغا بېرىڭلار دەيسەن ھالبۇكى ئۇ ۋاقىتتا مال-مۈلىكىڭ پالانچىغا تەۋە بولۇپ بولغان بولىدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdîالشرح
بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ سەدىقىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى توغۇرلۇق سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: تىنىڭ ساغلام تۇرۇپ، مال-دۇنياغا ھىرىسمەن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈپ قالغىنىڭدا كەمبەغەل بولۇپ قېلىشتىن قورقۇيدىغان، بايلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋاقىتتا سەدىقە قىلىشىڭ، دېدى. سەدىقە قىلىشنى كىچىكتۈرمىگىن، ساڭا ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا، بۇ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا پالانچىغا مال-مۈلىكىمدىن بۇنى سەدىقە قىلدىم ياكىۋەسىيەت قىلدىم، پالانچىغا مال-مۈلىكىمدىن بۇنى سەدىقە قىلدىم ياكى ۋەسىيەت قىلدىم، دەيسەن ھالبۇكى ئۇ ۋاقىتتا سېنىڭ مال-مۈلىكىڭ مىراسخورلىرىڭغا قالغان بولىدۇالتصنيفات
نەپلە سەدىقە