إعدادات العرض
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنمۇ دەپ سورالغاندا، ھەئە دەپ جاۋاب بەرگەن
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنمۇ دەپ سورالغاندا، ھەئە دەپ جاۋاب بەرگەن
مۇھەممەد ئبنى ئابباد ئبىنى جەئپەردىن رىۋايەت قىلىپ ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن جابىر ئىبنى ئابدۇللاھتىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنمۇ دەپ سورىغاندا، ئۇ ھەئە دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە بىر ھەدىستە «كەئبىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم» شۇنداق دېگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Bahasa Indonesia Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Français Hausa Português Kurdî Русскийالشرح
جۈمە كۈنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھېيىت كۈنى بولغانلىقتىن، شەرىئەت نازىل قىلغۇچى مۇسۇلمانلارنى، مەيلى روزا مەيلى ناماز بولسۇن بۇ كۈنگە خاس قىلىپ ئادا قىلىشتىن چەكلىدى. پەقەت بىر كىشى ئۇ كۈندە روزا تۇتماقچى بولسا پەيشەمبە ياكى شەمبە كۈنىنى قوشۇپ تۇتسا بولىدۇ، ياكى تۇتۇپ كېلىۋاتقان روزىلىرى جۈمەگە توغرا كېلىپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا دۇرۇس بولىدۇ. بۇنىڭدىكى شەرىئەتنىڭ ھېكمىتى؛ ئاۋام خەلق باشقا كۈنلەرگە كۆرە جۈمە كۈنىدە مۇئەييەن بىر ئىبادەتنى ئارتۇق قىلىش پەرز ئىكەن دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇرالتصنيفات
روزا تۇتقۇچىغا چەكلەنگەن ئىشلار