إعدادات العرض
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتىن مۇزدەلىپىگە قايىتقاندا قانداق ماڭاتتى؟، «ئالدىرىماي ماڭاتتى، كىشىلەر ئاز جايلاردا تىز ماڭاتتى» دېدى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتىن مۇزدەلىپىگە قايىتقاندا قانداق ماڭاتتى؟، «ئالدىرىماي ماڭاتتى، كىشىلەر ئاز جايلاردا تىز ماڭاتتى» دېدى
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، بىرسى ئۇنىڭدىن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتىن مۇزدەلىپىگە قايتقاندا قانداق ماڭاتتى؟ دەپ سورىدى، ئۇسامە: «ئالدىرىماي ماڭاتتى، كىشىلەر ئاز جايلاردا تىز ماڭاتتى» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog اردو 中文 हिन्दी Hausa Português Kurdîالشرح
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتىن مۇزدەلىپىگە قايىتقاندا ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ بىرگە قايىتقان ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ماڭغانلىقىنى ياخشىراق بىلەتتى، ئۇنىڭدىن بۇ توغرۇلۇق سورالغاندا ئۇ: «ئادەم كۆپ جايلاردا كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالدىرىماي ماڭاتتى، ئادەم يوق جايلاردا ئىتتىك ماڭسىمۇ ئەزىيەت بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن سەل تىز ماڭاتتى» دېدىالتصنيفات
ھەجنىڭ سۈپىتى