ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك روزا داۋۇت ئەلەھىسسالامنىڭ روزىسى، نامازلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈكى داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى. كېچىنىڭ يېرىمىدا ئۇخلايتى، ئومۇمى…

ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك روزا داۋۇت ئەلەھىسسالامنىڭ روزىسى، نامازلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈكى داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى. كېچىنىڭ يېرىمىدا ئۇخلايتى، ئومۇمى كېچىنىڭ 3/1 دە ناماز ئوقۇيتى قالغان قىسمىدا يەنە ئۇخلايتى. بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۈن تۇتمايتى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئەلئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك روزا داۋۇت ئەلەھىسسالامنىڭ روزىسى، نامازلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈكى داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى. كېچىنىڭ يېرىمىدا ئۇخلايتى، ئومۇمى كېچىنىڭ 3/1 دە ناماز ئوقۇيتى قالغان قىسمىدا يەنە ئۇخلايتى. بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۈن تۇتمايتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىسۇلۇللاھتىن بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك روزا ۋە ناماز داۋۇت ئەلەھىسسالامنىڭ روزىسى ۋە نامازىدۇر. چۈنكى ئۇ بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۈن تۇتمايتى، بۇنداق قىلغاندا ئىبادەتمۇ قولغا كىلىدۇ، بەدەننىڭ ھەققىنىمۇ بەرگەن بولىدۇ. كېچىنىڭ يېرىمىدا ئۇخلايتى، ئومۇمى كېچىنىڭ 3/1 دە ناماز ئوقۇيتى قالغان ئاخىرىقى قىسمىدا يەنە ئۇخلايتى، بۇ شەكىلدە ئىبادەت قىلسا، كۈندۈزدىكى ئىبادەتلەرگىمۇ تېتىك-جۇشقۇن تۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىنى قىزىقتۇرغان

التصنيفات

نەپلە روزا