إعدادات العرض
1- كىمىكى بىر كۈن ئاللاھ يولىدا خالىس روزا تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ يۈزىنى دوزاختىن70 يىللىق مۇساپىدە يىراق قىلىدۇ
2- مېنىڭ سىرداش دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ھەر كۈنى ئىككى رەكئەت چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى ۋەسىيەت قىلدى
3- ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر
4- ئەگەر كىلەر يىلغىچە ياشاپ قالسام، مۇھەررەمنىڭ توققۇزىدا روزا تۇتىمەن
5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ئايلاردا ھەتتا بىز ئۇ بۇ ئايدا روزا تۇتمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ، ئويلاپ قالغۇدەك ھالدا روزىسىز يۈرەتتى، بەزى ئايلاردا شۇنداق روزا تۇتاتتىكى ھەتتا بىز ئۇنى بۇ ئاينى بىرەر كۈنمۇ روزا تۇتماي ئۆتكۈزمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ، ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە، ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ، ئۇخلاۋاتقان ھالەتتەكۆرەتتىڭ
6- ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك روزا داۋۇت ئەلەھىسسالامنىڭ روزىسى، نامازلارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈكى داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى. كېچىنىڭ يېرىمىدا ئۇخلايتى، ئومۇمى كېچىنىڭ 3/1 دە ناماز ئوقۇيتى قالغان قىسمىدا يەنە ئۇخلايتى. بىر كۈن روزا تۇتۇپ بىر كۈن تۇتمايتى
7- ئەمەللەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ئاللاھ تائالاغا كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن