إعدادات العرض
ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر
ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Português සිංහල Kiswahili অসমীয়া Tiếng Việt ગુજરાતી Nederlands አማርኛ Azərbaycan മലയാളം Română ไทยالشرح
ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ روزا تۇتۇشتا كەسكىنلىك يولىنى تۇتۇپ روزىنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرماقچى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشقا يىتەكلىدى، چۈنكى ئۇ ئەجىر-ساۋاپتا تولۇق بىر يىللىق روزىنىڭ ساۋابىغا باراۋەر كىلەتتى، بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ئەجىر بىرىلسە ئۈچ كۈن ئوتتۇز كۈنگە باراۋەر بولىدۇ، ئەگەر ھەر ئايدا ئۈچ كۈندىن روزا تۇتسا ئاشۇ: يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇالتصنيفات
نەپلە روزا