إعدادات العرض
ئەمەللەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ئاللاھ تائالاغا كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن
ئەمەللەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ئاللاھ تائالاغا كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەمەللەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: جەننەتنىڭ ئىشىگى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئېچىلىدۇ، ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن ۋە قېرىندىشىغا ئاداۋەت ساقلىمىغان كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ، دېيىلىدۇ: ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە مۆھلەت بىرىڭلار، ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر بۇ ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە مۆھلەت بىرىڭلار. يەنە بىر رىۋايەتتە ئەمەللەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى كۆتۈرلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، پەقەت قېرىندىشى بىلەن ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە: بۇ ئىككىسى ئەپلەشكەنگە قەدەر ئۇلارنى قويۇپ قويۇڭلار، دەيدۇ
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दीالشرح
«ئەمەللەر كۆتۈرۈلىدۇ» يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۆزۈرىغا كۆتۈرۈلىدۇ، دېگەن مەنىدە. «مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن» يەنى جەننەتتىكى دەرىجەمنىڭ يۇقىرى بولىشى، كۆپ ساۋابقا ئىرشىشىم ئۈچۈن، دېگەن مەنىدە. يەنە بىر ئىبارىدە: «جەننەتنىڭ ئىشىگى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئېچىلىدۇ» دەپ كەلگەن. بۇ ھەقىقەت مەنىسىدە. چۈنكى توغرا كۆز قاراشتا جەننەتنى ئاللاھ تائالا يارتىپ بولغان. «ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ» بۇ پەقەت كىچىك گۇناھلارغا قارىتا دېيىلگەن. ئەمما چوڭ گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش لازىم. «پەقەت بىر ئەر» دەپ كەلگەن، يەنى بىر ئىنسان، دېمەكچى. «قېرىندىشى بىلەن» دېگىنى ئىسلامى قېرىنداشلىقنى دېمەكچى. «ئارسىدا ئاداۋەت» دېگىنى خاپىلىق ۋە ئازارلىشىش دېمەكچى. «مۆھلەت بىرىڭلار» بۇ سۆزنى ئاللاھ تائالا مالائىكىلەرگە دېگەن. يەنى گۇناھنى يېزىشنى كىچىكتۈرۈڭلار ۋە ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشىغا پۇرسەت بېرىڭلار، دېگەن مەنىدە. «بۇ ئىككىسى» ئاداۋەت ساقلىغان بۇ ئىككى كىشى، ئۇلارنى ئەيىپلەپ ياكى گۇناھلىرىنى ئەيىپلىگەن مەنىدە. «ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر» يەنى ئۇلار ئارىسىدىكى ئاداۋەت تۈگىگەن، يوقالغانغا قەدەر. بۇ ئىبارە، مۇسۇلمان كىشى بىر قېرىندىشى بىلەن ئاداۋەتلەشكەن بولسا بۇنى يوقىتىشقا ئالدىراش كېرەكلىكىنى، ھەتتا بۇ ئىشتا غورۇرىغا قارشى ئىش قىلىش ۋە كۆڭلىگە ئېغىر كېلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ ئۇنىڭغا سەبىر قىلىش، ئاللاھ تائالادىن ئەجىر-ساۋابنى كۆزلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشىلىققا ئېلىپ بارىدۇ ۋە يەنە ئىنسان بىر ئىشتا ياخشىلىق ۋە ساۋاب مۇكاپات بارلىقىنى بىلسە ئۇنىڭغا ئاسان بىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە بىر ئىشتا جازا ۋە تەھدىت بارلىقىنى بىلسە ئۇنى تاشلاش ۋە يىراق تۇرۇش ئاسانغا توختايدۇالتصنيفات
نەپلە روزا