ئى يەزىد! سېنىڭ نىيەت قىلغىنىڭنىڭ ئەجرى ساڭا تېگىشلىك بولدى، ئى مەئىن سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى

ئى يەزىد! سېنىڭ نىيەت قىلغىنىڭنىڭ ئەجرى ساڭا تېگىشلىك بولدى، ئى مەئىن سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى

مەئىن ئىبنى يەزىد ئىبنى ئەخنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: دادام يەزىد سەدىقە قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتىكى بىركىشىگە دىينارلارنى قويۇپ قويۇپتۇ، مەن مەسچىتكە كېلىپ ئۇ پۇلنى ئىلىپ، ئاندىن دادامنىڭ قېشىغا كەلدىم، دادام: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۇ دىينارلارنى ساڭا بېرىشنى نىيەت قىلمىغان ئىدىم دېدى. بىز تالاش-تارتىش قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى يەزىد! سېنىڭ نىيەت قىلغىنىڭنىڭ ئەجرى ساڭا تېگىشلىك بولدى، ئى مەئىن سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى، دەپ ئايرىپ قويغان

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

يەزىد ئىبنى ئەخنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىش ئۈچۈن بەزى دىينارلارنى مەسچىتتە بىر كىشىگە قويۇپ قويىدۇ، ئوغلى مەئىن كېلىپ ئۇ دىينارلارنى ئىلىپ كەلگەندە، دادىسى: بۇ دىينارلارنى ساڭا سەدىقە قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن دادا-بالا ئىككەيلەن تارتىشىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى يەزىد! سېنىڭ نىيەت قىلغىنىڭنىڭ ئەجرى ساڭا تېگىشلىك بولدى، چۈنكى سەن سەدىقىنى مۇسۇلمانلارنىڭ كەمبەغەللىرىدىن بىرىگە يەتكۈزدۇڭ، سېنىڭ نىيىتىڭگە ئاساسەن بۇنىڭ ئەجرى ساڭا تىگىشلىك بولدى. ئى مەئىن سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى، چۈنكى سەنمۇ بۇنى توغرا يول بىلەن ئالدىڭ، دئاللاھ تائالا بىر بەندىگە ياخشىلىقىنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى ئۆزى، مال-مۈلكى ۋە بالا-چاقىلىرى ئارقىلىق سىنايدۇ، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ۋە مەرتىۋىسىنىڭ ئۈستۈن بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئىمتىھان-سىناقنىڭ ئاقىۋىتىنى تەپەككۇر قىلغان كىشى ئۇنى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقى دەپ بىلىدۇ، چۈنكى دۇنيادىكى ياخشىلىق بولسا دۇئا، يېلىنىش ۋە ھاجەتنى ئىزھار قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قېلىنىدۇ، ئاخىرەتتىكى ياخشىلىق بولسا خاتالىقنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ۋە مەرتىۋىنىڭ ئۈستۈن بولىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ»تەرجىمىسى: «بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ، بىرئاز قەھەتچىلىك، ماللىرىڭلار، جانلىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن.» [سۈرە بەقەرە 155-ئايەت]. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس مۇتلەق بولۇپ، تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان بۇ ھەدىستىن مەقسەت قىلىنغان مەنانى ئىپادىلەيدۇ: ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇ كىشىنى سىنايدۇ، ئۇ كىشى سەۋىر قىلسا، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلسا (يەنى سىناقتىن ئۆتسە) ئاللاھ ئۇ كىشىگە ساۋاپ بېرىدۇ، ئەگەر سەۋىر قىلالمىسا گەرچە بەزى ۋاقىتتا كۆپ قېيىنچىلىققا ئۇچرىسىمۇ ئۇنىڭدا ياخشىلىق بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇ كىشىگە ياخشىلىقىنى ئىرادە قىلمىغان. كاپىرلارمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار ئۆلۈپ كەتكىچە ئۆزىنىڭ كۇپۇرلۇق ھالىتىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمىغانلىقىدا ھېچ شەك يوق ئېدى، يەزىدنىڭ ئوغلى مەئىنمۇ مۇشۇ سەدىقىنى ئېلىشقا ھەقلىق بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئېدى

التصنيفات

نەپلە سەدىقە