ئۇ دوزاختا (دېدى)، ئۇلار بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر تونغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقىدى

ئۇ دوزاختا (دېدى)، ئۇلار بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر تونغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقىدى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۈك-تاقىسىغا قارايدىغان كىركىرە ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى قازا قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ دوزاختا، دېدى. باشقىلار بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر تونغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقىدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۈك-تاقىسىغا قارايدىغان كىركىرە ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى قازا قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەھيىسسالام ئۇنىڭ گۇناھىغا ئاساسەن دوزاختا ئازاب قىلىنىدىغانلىقىنى ياكى ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلمىسا ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى، ساھابىلار بېرىپ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ غەنىمەتتىن بىر توننى ئوغرىلىغانلىقىنى بايقىدى

التصنيفات

جىھادقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋە ھۆكۈملەر