مەن بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار: خۇددى بىر كىشى ئوت ياققان ئاندىن ئۇ ئادەم توسۇپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشارەتلەر چۈشۈشكە باشلىغان ھالەتكە…

مەن بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار: خۇددى بىر كىشى ئوت ياققان ئاندىن ئۇ ئادەم توسۇپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشارەتلەر چۈشۈشكە باشلىغان ھالەتكە ئوخشايمىز. مەن سىلەرنىڭ بىلىڭلاردىن تۇتۇپ ئوتقا چۈشۈشتىن توسۇۋاتىمەن، ئەمما سىلەر مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ كېتىپ بارىسىلەر

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار: خۇددى بىر كىشى ئوت ياققان ئاندىن ئۇ ئادەم توسۇپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشارەتلەر چۈشۈشكە باشلىغان ھالەتكە ئوخشايمىز. مەن سىلەرنىڭ بىلىڭلاردىن تۇتۇپ ئوتقا چۈشۈشتىن توسۇۋاتىمەن، ئەمما سىلەر مىنىڭ قولۇمدىن قېچىپ كېتىپ بارىسىلەر

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۈممىتى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى دالىدىكى كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشۇتۇپ: ئۇ كىشىنىڭ دالىدا ئوت ياققانلىقى، ئۇ ئادەم توسۇپ تۇرسىمۇ، چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشارەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆتقا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، چۈنكى چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش كىچىك ھاشارەتلەرنىڭ ئوتقا ئۆزىنى ئاتىدىغان تەبىئىتى بارلىقىنى بايان قىلدى. بىر ئادەم دالىدا ئوت ياقسا ئۇلار يورۇقلۇققا قاراپ كىلىدۇ. خۇددى مەن ئەلۋەتتە سىلەرنى ئوتقا چۈشۈشتىن توسۇۋاتىمەن، ئەمما سىلەر مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ كېتىپ بارىسىلەر، دەيدۇ. ئۇ بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئىتىش بىلەن بولىدۇ

التصنيفات

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مېھرىبانلىقى