إعدادات العرض
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى، كېچىنىڭ دەسلىپى ۋە تەڭ كېچىدە، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، ۋىتىرنى سەھەر ۋاقتىغىچە…
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى، كېچىنىڭ دەسلىپى ۋە تەڭ كېچىدە، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، ۋىتىرنى سەھەر ۋاقتىغىچە ئاخىرلاشتۇراتتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى، كېچىنىڭ دەسلىپى ۋە تەڭ كېچىدە، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، ۋىتىرنى سەھەر ۋاقتىغىچە ئاخىرلاشتۇراتتى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tagalog Hausa Português Kurdî සිංහලالشرح
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋىتىر نامازنى قانداق ۋاقىتلاردا ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىتلىرىغا خاس قىلىۋالماي قايسى بىر ۋاقىتلاردا ئوقۇيتتى، گاھىدا ئاللاھ تائالا نېسىپ قىلسا خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا، گاھىدا كېچىنىڭ ئۈچتەن بىرى ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر ۋاقىتلاردا، گاھىدا بولسا كېچىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلىرىدا ئۈچتەن ئىككىسى ئۆتكەن ۋاقىتلاردا ئوقۇيتتىالتصنيفات
كېچىلىك ناماز