إعدادات العرض
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە ئۆرە تۇرۇپ ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى، ئارىسىنى قىسقىغىنا ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىۋېتەتتى
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە ئۆرە تۇرۇپ ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى، ئارىسىنى قىسقىغىنا ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىۋېتەتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى، ئارىسىدا ئولتۇراتتى. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە ئۆرە تۇرۇپ ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى، ئارىسىنى قىسقىغىنا ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىۋېتەتتى، دېگەن
[ھەدىس ئىككىلا ئىسناد بىلەن سەھىھ] [بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Português Kurdîالشرح
جۈمە كۈنى بولسا بىر يۇرۇتتىكى ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىلىدىغان ۋە توپلىنىدىغان بىر كۈن، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەلۇم بىر ھىكمەت بىلەن ئۇ كۈندىكى خۇتبىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئوقۇغان، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنى ياخشىلىققا قىزىقتۇرىدىغان، يامانلىقتىن توسىدىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ خۇتبىنى مۇنبەردە ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيتتى، ئۆرە تۇرۇپ ۋەئز -نەسىھەت ۋە تەلىم-تەربىيە قىلغاندا، ئىسلامنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ۋە ھەيۋىتىنى نامايەن قىلغىلى بولاتتى. بىرىنچى خۇتبىنى ئوقۇپ بولغاندا ئۆزىنىمۇ چارچاتماي، جامائەتنىمۇ مالال قىلماستىن، ئارام ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز ئولتۇرۇپ، ئىككى خۇتبىنىڭ ئارسىنى بۆلىۋىتەتتى، ئاندىن تۇرۇپ ئىككىنچى خۇتبىنى سۆزلەيتتىالتصنيفات
جۈمە نامىزى