ئى ئاللاھ، مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، يوشۇرۇن-ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن

ئى ئاللاھ، مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، يوشۇرۇن-ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشتىن ئىلگىرى: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، يوشۇرۇن-ئاشكارا قىلغان، چېكىدىن ئاشۇرۇرىۋەتكەن، سەن مەندىن ياخشىراق بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچى ۋە چىكىندۈرگۈچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دەيتتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇسا تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشتىن ئىلگىرى دەيدىغان ئاخىرىقى سۆزى: ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى قىلغان (يامانلىقىمنى)، كېچىكتۈرگەن (ئەمىلىمنى)، يەنى: سەل قارىغان بارلىق ئىشلارنى، مەخپى قىلغان، ئاشكارا قىلغان، ئىسراپ قىلغانلىرىمنى، يەنى: چەكتىن ئاشۇرىۋەتكىنىمنى. بۇ ھەر-تۈرلۈك گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ئالاھىدە ئەپۇ سوراشتۇر، سەن مەندىن ياخشىراق بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن، يەنى: مەن سانىنى ۋە ھۆكمىنى بىلمەيدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن. سەن ئىلگىرىلەتكۈچى، يەنى: بەزى بەندىلىرىڭنى ئىتائەتلەرگە مۇۋاپىقىيەت بېرىش بىلەن ئۆزۈڭ تەرەپكە ئىلگىرىلەتكۈچىسەن ۋە چىكىندۈرگۈچىسەن، يەنى: يەنە بەزى بەندىلىرىڭنى غەلبە-نۇسرەتتىن مەھرۇم قىلىش بىلەن چىكىندۈرگۈچىسەن، ياكى سەن خالىغان كىشىلەرنى مۇكەممەللىك دەرىجىسىدە ئىلگىرىلەتكۈچىسەن، خالىغان كىشىلەرنى ئالى ماقاملاردىن پۈچەك ئىشلارغا چۈشۈرگۈچىسەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، يەنى: سەندىن باشقا ھەقىقى ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، دەيتتى

التصنيفات

پەيغەمەرئەلەيھىسسالامىڭ زىكىر توغىرسىدىكى كۆرسەتمىسى