ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز

ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ رىۋايەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھ دۈشمەندىن قورىققان چاغدا مۇنداق دەيتتى: ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز

[بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ] [نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز» يەنى بىزنى قوغداشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھوجۇمىنى بىزدىن توسۇش ئۈچۈن سىلىنى دۈشمەن ئالدىدا قويىمىز، دېگەن مەنىدە. بۇ يەردە بويان، ئالدى دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن، چۈنكى ئۇ قوغدىنىشتا ۋە دۈشمەننىڭ ھوجۇمىدىن ئۈستۈن تۇرۇشتا ئەڭ كۈچلۈك، چەۋەر ئورۇن. دۈشمەن بولسا جەڭگە باتۇرلىقىنى ۋە ياكى ئۈمىتۋارلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن مەيدە، كۆكرىكىنى كېرىپ چىقىدۇ. «ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز»، بۇ ھالدا ئاللاھ ئۇلارنىڭ زىيىنىدىن سېنى ساقلايدۇ. يەنى: ئى ئاللاھ بىزنى ئۇلارنىڭ ھوجۇمىدىن، زىيانكەشلىكىدىن ساقلىسىلا، ئۇلارغا ئۆزلىرى كۇپايە بولىلا، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارسىنى سىلى توسايلا. ئەگەر مۇسۇلمان بىر كىشى بۇ ئىككى ئاز ۋە ئاسان جۈملىنى ئىخلاس، چىنلىق ۋە ئىخلاس بىلەن دېسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دۈشمەنلىرىدىن قوغدايدۇ. ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچى

التصنيفات

قېيىنچىلىق ۋاقىتلاردا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر