إعدادات العرض
كىشىنىڭ ئوزۇقلىقى ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەردىن (تەمىناتنى) قىسىپ قويۇشى يېتەرلىك گۇناھتۇر
كىشىنىڭ ئوزۇقلىقى ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەردىن (تەمىناتنى) قىسىپ قويۇشى يېتەرلىك گۇناھتۇر
خەيسەمەدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دېگەن: بىز ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئامبارچىسى كېرىپ كەلدى، ئۇ، ئۇنىڭدىن: «قۇللارنىڭ يىمەكلىكىنى بەردىڭمۇ؟» دەپ سورىغانتى، ئۇ كىشى: «ياق» دېدى، ئابدۇللاھ: «بېرىپ ئۇلارغا (يىمەكلىكىنى) بەرگىن!»، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىشىنىڭ ئوزۇقلىقى ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەردىن (تەمىناتنى) قىسىپ قويۇشى يېتەرلىك گۇناھتۇر» دېگەن، دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الشرح
بۇ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئامبارچىسىنىڭ قۇللارغا تەمىناتىنى بەرمىگەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئىنساننىڭ تەمىناتى ئۆزىگە قاراشلىق بولغان كىشىلەر ھەققىدىكى مەسئۇلىيتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنساننىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماسلىقى، ئۇنىڭغا بېخىللىق قىلىپ سەل قارىشى، ۋە تەمىناتىنى تۇتۇپ قىلىشى گۇناھنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ھەدىسىنى سۆزلەپ بەرگەنالتصنيفات
خىراجەت قىلىپ بېرىش