ئەگەر ئىمام (ئامىن) دېسە سىلەرمۇ بىللە ئامىن دەڭلار، چۈنكى قانداق بىر ئادەمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان…

ئەگەر ئىمام (ئامىن) دېسە سىلەرمۇ بىللە ئامىن دەڭلار، چۈنكى قانداق بىر ئادەمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت بولىدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئىمام (ئامىن) دېسە سىلەرمۇ بىللە ئامىن دەڭلار، چۈنكى قانداق بىر ئادەمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت بولىدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى، ئەگەر ئىمام سۈرە پاتىھەدىن كېيىن(ئامىن) دېسە، بىللە ئامىن دىيىشكە بۇيرىدى، چۈنكى شۇ ۋاقىت مەلائىكىلەرنىڭمۇ (ئامىن) دەيدىغان ۋاقتىدۇر، كىمنىڭكى ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت بولىدۇ

التصنيفات

نامازنىڭ سۈپەتلىرى