بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىر سەپەردە كېتىۋاتقىنىمىزدا تۆگىسىگە مېنگەن بىر كىشى كەلدى

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىر سەپەردە كېتىۋاتقىنىمىزدا تۆگىسىگە مېنگەن بىر كىشى كەلدى

ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىر سەپەردە كېتىۋاتقىنىمىزدا توگىسىگە مېنگەن بىر كىشى كىلىپ ئۇياق-بۇياققا قارىغىلى تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا ئۇنى ئۇلىغى يوق ئادەمگە بەرسۇن، كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلىقى بولسا ئۇنى ئوزۇقلىقى يوق ئادەمگە بەرسۇن» دەپ نۇرغۇن مال تۈرلىرىنى تىلغا ئالغانلىقىدىن بىز: «ئارتۇق نەرسدە ھېچ قايسىمىزنىڭ ھەققى يوق ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالدۇق

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپەردە كېتىۋاتقاندا تۆگە مىنگەن بىر كىشى كىلىپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى قامدىغىدەك بىر نەرسە تېپىش ئۈچۈن ئوڭ-سول تەرەپلەرگە قاراشقا باشلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا ئۇنى ئۇلىغى يوق ئادەمگە بەرسۇن، كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلىقى بولسا، ئۇنى ئوزۇقلىقى يوق ئادەمگە بەرسۇن» دېدى، رىۋايەت قىلغۇچى: «بىز ئارتۇق نەرسدە ھىچقايسىمىزنىڭ ھەققى يوق ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالدۇق

التصنيفات

سەپەر قىلىش ئەخلاقى ۋە ھۆكۈملىرى, نەپلە سەدىقە