بۇ جىلغا ۋە ۋادىلاردا تارقاق يەرلىشىشىڭلار ھەقىقەتەن شەيتاندىندۇر

بۇ جىلغا ۋە ۋادىلاردا تارقاق يەرلىشىشىڭلار ھەقىقەتەن شەيتاندىندۇر

ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇشەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللادىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: كىشىلەر بىرەر مەنزىلگە چۈشكەندە جىلغا ۋە ۋادىلاردا تارقاق ھالدا يەرلىشەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ جىلغا ۋە ۋادىلاردا تارقاق يەرلىشىشىڭلار ھەقىقەتەن شەيتاندىندۇر» دېدى. ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن بىرەر مەنزىلگە چۈشسە يىغىلىپ ئولتۇراتتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

كىشىلەر سەپەر جەريانىدا بىرەر ئورۇنغا چۈشكەندە جىلغا ۋە ۋادىلاردا تارقاق يەرلىشەتتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: ئۇلارنىڭ تارقاقلىشىپ يەرلىشىشىنى، ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرىنى قورقۇتۇپ، دۈشمەنلىرىنى قوزغۇتۇش ئۈچۈن شەيتاندىن بولغان ئىش دەپ خەۋەر بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلار بىرەر ئورۇنغا چۈشسە بىر-بىرى بىلەن توپلۇشۇپ تۇراتتى، ھەتتا ئۇلارغا بىر پارچە رەخنى پايانداز قىلىپ سېلىپ بېرىلسە يېقىن تۇرغانلىقىدىن سىغىشىپ كېتەتتى

التصنيفات

سەپەر قىلىش ئەخلاقى ۋە ھۆكۈملىرى