ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، زېمىنىمىزنىڭ تۇپرىقى بىلەن، بەزىمىزنىڭ ئېغىز سۈيى بىلەن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىزنى بىلەن كېسەللىرىمىز شىپا تاپىدۇ

ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، زېمىنىمىزنىڭ تۇپرىقى بىلەن، بەزىمىزنىڭ ئېغىز سۈيى بىلەن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىزنى بىلەن كېسەللىرىمىز شىپا تاپىدۇ

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: بىرەر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كېسەللىكتىن ۋە ياكى بەدىنىدىكى جاراھەتتىن شىكايەت قىلىپ كەلسە، رەسۇلۇللاھ بارمىقىنى تەككۈزۈپ تۇرۇپ: -سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە بېگىز بارمىقىنى يەرگە قويۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرۈپ كۆرسۈتۈپ قويغان- «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، زېمىنىمىزنىڭ تۇپرىقى بىلەن، بەزىمىزنىڭ ئېغىز سۈيى بىلەن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىزنى بىلەن كېسەللىرىمىز شىپا تاپىدۇ» دېگەن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر كىشى كېسەل بولۇپ قالسا ۋە ياكى بەدىنىدە جاراھەت بولسا بېگىز بارمىقىنى ئېغىزى بىلەن نەمدەپ، ئۇنى توپىغا تەككۈزۈپ، بىر ئاز توپا چاپلاشسا، ئۇنى كېسەلنىڭ بەدىنىگە ياكى ئاغرىق جايغا قويۇپ تۇرۇپ: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، زېمىنىمىزنىڭ تۇپرىقى بىلەن، بەزىمىزنىڭ ئېغىز سۈيى بىلەن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىزنى بىلەن كېسەللىرىمىز شىپا تاپىدۇ» دەپ دۇئا قىلاتتى

التصنيفات

شەرئى رۇقىيە (دەم سىلىش قاتارلىقلار)