ئاللاھ ئەۋەتكەنلا پەيغەمبەر قوي باققان

ئاللاھ ئەۋەتكەنلا پەيغەمبەر قوي باققان

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئەۋەتكەنلا پەيغەمبەر قوي باققان» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى: سىلىمۇ قوي باققانمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، مەن مەككىلىكلەرنىڭ قويلىرىنى بىر قانچە تەڭگىگە باقاتتىم» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتىدا قوي باققان. ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بۇ ئىشنىڭ پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇن بولغانلىقى ئىپادىلەيدۇ، بۇ توغرىدا ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: بۇنىڭدىكى ھېكمەت: ئىنساننى خەلىققە ئىدارە قىلىشقا، ئۇلارنى پايدىلىق ئىشلارغا يىتەكلەشكە ئادەتلەندۈرۈش، چۈنكى پادىچى قويلارنى بەزى ۋاقىتتا يايلاققا ئېلىپ بارىدۇ، بەزى ۋاقىتتا جايىدا قالدۇرىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتتا قوتانغا قايتۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى يايلاقلارنى بىلىدىغان، قويلارنىڭ يەم-خەشەك ۋە سۈيىگە ۋە قويلارغا پايدىلىق تەجرىبە ۋە كۆرسەتمىگە ئىگە پادىچىغا ئوخشاش ئۈممىتىنى ئىدارە قىلىدۇ. ئىلىم، ھىدايەت ۋە توغرا پىكىر بىلەن ياخشىلىققا يىتەكلەيدۇ. قوينى تاللاشتىكى مەقسەت: قوي باققۇچى ئېغىر-بىسىق، تەمكىن كىلىدۇ، ئەكسىچە تۆگە باققۇچى كۆپىنچە قوپال، باغرى قاتتىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك تۆگىدىمۇ قوپاللىق ۋە قاتتىقلىق بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنىڭ خەلىقنى ئىدارە قىلىشىقا مەشىق قىلىپ، ئادەتلىنىشى ئۈچۈن قوي بىقىشىنى ئىرادە قىلغان

التصنيفات

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇنقى ھاياتى