قانداق بىر كىشى بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازاد قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ باراۋىرىگە ئۇ كىشىنىڭ بىر ئەزاسىنى دوزاختىن ئازات قىلىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ ئەۋرەت…

قانداق بىر كىشى بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازاد قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ باراۋىرىگە ئۇ كىشىنىڭ بىر ئەزاسىنى دوزاختىن ئازات قىلىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ ئەۋرەت ئەزاسىنى ئۇ قۇلنىڭ ئەۋرەت ئەزاسىنىڭ باراۋىرىگە دوزاختىن ئازات قىلىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر كىشى بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازاد قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ باراۋىرىگە ئۇ كىشىنىڭ بىر ئەزاسىنى دوزاختىن ئازات قىلىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ ئەۋرەت ئەزاسىنى ئۇ قۇلنىڭ ئەۋرەت ئەزاسىنىڭ باراۋىرىگە دوزاختىن ئازات قىلىدۇ»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە مۇسۇلمان قۇللارنى ئازات قىلىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ، بىر قۇلنى ئازات قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ بەدىنىنى دوزاختىن ئازات قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ، قۇل ئازات قىلىش بىلەن مۇسۇلمانلاردىن قۇللۇقتىن ئىبارەت خارلىقنى يوق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىززەت، شان-شەرىپىنى ھەقىقى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ

التصنيفات

قۇل ئازات قىلىش