قانداق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسىنى بۇرۇن ئەۋەتكەن بولسا (يەنى تۈگەپ كەتكەن بولسا) ئۇ بالىلار ئاشۇ ئايال ئۈچۈن جەھەننەمدىن پەردە بولىدۇ

قانداق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسىنى بۇرۇن ئەۋەتكەن بولسا (يەنى تۈگەپ كەتكەن بولسا) ئۇ بالىلار ئاشۇ ئايال ئۈچۈن جەھەننەمدىن پەردە بولىدۇ

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەرلەر سىلە بىلەن سۆزلىشىپ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاش ۋاقتىنى ئىگەللەپ كەتتى، بىزگىمۇ ئۆز ۋاقتىلىرىدىن بىر كۈننى بەلگىلەپ، ئاللاھ سىلىگە بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن بىزگىمۇ ئۆگەتكەن بولسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۇنداقتا پالانى-پالانى كۈنى يىغىلىڭلار» دېدى، ئۇلار يىغىلغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېلىپ ئاللاھ ئۆزىگە ئۆگەتكەن دىن ئەھكاملىرىنى ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارغا: «قانداق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسىنى بۇرۇن ئەۋەتكەن بولسا (تۈگەپ كەتكەن بولسا) ئۇ بالىلار ئاشۇ ئايال ئۈچۈن جەھەننەمدىن پەردە بولىدۇ»دېدى، بىر ئايال:ئىككى بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىچۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئىككى بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ»دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئەرلەر سىلە بىلەن سۆزلىشىپ ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاش ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى ئىلىپ كەتتى، بىزگە سىلە بىلەن ئۇچرىشىپ، دىنىمىز توغرىسىدا بىر نەرسە سورىغۇدەك ۋاقىت قويمىدى، ئۇلار ھەر كۈنى سىلىگە ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ، بىز ئاياللارغا سىلە بىلەن ئۇچرىشىدىغان بىزگە دىنى تەلىم بېرىدىغان بىر كۈننى بېكىتسىلە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارغا بىر كۈننى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئاللاھ تائالا ۋەھىي قىلغان دىنى بىلىملەرنى ۋە ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلارنى تەلىم بەردى، ئاندىن ئۇلارغا: قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايال بۇنىڭغا سەۋىر قىلىپ، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلسا، ئۇ بالىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئانىسى خاتالىقى سەۋەبىدىن دوزاخقا لايىق بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئانىسى ئۈچۈن دوزاختىن توسانجا بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ، بىر ئايال: ئىككى بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتسىمۇ ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالدەك ئەجىرگە ئېرىشەمدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىككى بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتسىمۇ، ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالغا ئوخشاش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ»دېدى

التصنيفات

ئاياللارغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر, بەدەن ئەمەللىرىنىڭ پەزىلىتى