إعدادات العرض
1- ?تۇل ئايال ۋە پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلار ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققان ياكى كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزدە روزا تۇتقانغا ئوخشاشتۇر
2- ?سىلەر(ھەقىقى)مۇئمىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۇئمىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۆزئارا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار
3- ?ئەمەللەر ئالتە تۈرلۈكتۇر، ئىنسانلار تۆت تۈرلۈك بولۇپ، ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت مەۋجۇتتۇر. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا، ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە ۋە ياخشىلىق ئۆزىنىڭ يەتتە يۈز باراۋېرىگىچە
4- قانداق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسىنى بۇرۇن ئەۋەتكەن بولسا (يەنى تۈگەپ كەتكەن بولسا) ئۇ بالىلار ئاشۇ ئايال ئۈچۈن جەھەننەمدىن پەردە بولىدۇ
5- قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دوزاخقا كېرىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە مەريەم 71-ئايەتتىكى«سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ»دېگەن قەسەمنىڭ مۇقەررەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئىنسان پىلسىرات كۆرۈكىدىن ئۆتۈش يۈزىسىدىن دوزاخقا بىر نۆۋەت يېقىنلىشىدۇ، ھەدىستە ئېيتىلغان قەسەم مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ