إعدادات العرض
سىلەر(ھەقىقى)مۇئمىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۇئمىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى…
سىلەر(ھەقىقى)مۇئمىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۇئمىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۆزئارا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر(ھەقىقى)مۇئمىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۇئمىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۆزئارا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار».
الترجمة
العربية Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdî Kiswahili Português සිංහල Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Tiếng Việt ไทย پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or नेपाली Malagasy Kinyarwanda తెలుగు Lietuvių Oromoo Română മലയാളം Nederlands Soomaali Српски Українська Deutsch ಕನ್ನಡ Wolof Moore Shqip ქართული Azərbaycan Magyar বাংলাالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ياخشى كۆرمىگۈچە، مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمايدىغانلىقى، ئىمان مۇكەممەل بولمايدىغانلىقى ۋە ئىمان مۇكەممەل بولمىسا جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى ئومۇملاشتۇرىدىغان بىر قانچە ياخشى ئىشلارنى كۆرسەتتى، ئۇ ئىشلاردىن بىرى: ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈچۈن ھۆرمەت بەلگىسى قىلغان سالامنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئاشكارا قىلىشتۇر.فوائد الحديث
جەننەتكە كېرىش پەقەت ئىمان بىلەن بولىدۇ.
ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشى، مۇسۇلمان ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرۈش بىلەن بولىدۇ. .
مۇسۇلمانلار ئۆز جەمئىيتىدە مېھرى-مۇھەببەت، تىنچ-خاتىرجەملىكنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا بىر-بىرىگە سالامنى ئاشكارا قىلىشى كېرەك.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاراڭلاردا» دېگەن سۆزىگە كۆرە، سالام پەقەت مۇسۇلمانغا قىلىنىدۇ.
ئۆزئارا سالام قىلىش دېگەن ئارىدىكى ئۆچمەنلىك، بىر-بىرىنى تەرك قىلىش ۋە ئالاقىسىنى ئۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى يوق قىلىدۇ.
مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇ ئىماننى مۇكەممەل قىلىدۇ.
يەنە بىر ھەدىستە تولۇق سالام قىلىش شەكلى مۇنداق كەلگەن:"ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمە تۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ"،ئەگەر "ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم" دېسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ.
التصنيفات
بەدەن ئەمەللىرىنىڭ پەزىلىتى