إعدادات العرض
تۇل ئايال ۋە پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلار ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققان ياكى كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزدە روزا تۇتقانغا ئوخشاشتۇر
تۇل ئايال ۋە پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلار ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققان ياكى كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزدە روزا تۇتقانغا ئوخشاشتۇر
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۇل ئايال ۋە پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلار ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققان ياكى كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزدە روزا تۇتقانغا ئوخشاشتۇر».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá සිංහල ไทย دری Кыргызча or Kinyarwanda नेपाली Română Lietuvių Malagasy ಕನ್ನಡ Oromoo Nederlands Soomaali Српски Українська Wolof Moore ქართული Azərbaycan Magyarالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىشلىرىنى قىلالمايدىغان تۇل، ئىگە چاقىسىز ئاياللار ۋە ئېھتىياجلىق پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلغان، ئاللاھ تائالادىن ئەجىر-ساۋاپ تەلەپ قىلىپ ئۇلارغا خەير-ئېھسان قىلغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققۇچى ياكى كېچىسى چارچىماستىن تەھەججۈت ئۈچۈن قىيامدا تۇرغان، كۈندۈزى داۋاملىق نەپلە روزا تۇتقان كىشىگە ئوخشاش پەزىلەتكە نائىل بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.فوائد الحديث
بۇ ھەدىس: ئاجىز، بىچارىلەرنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا ئىگە بولۇش ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ئىبادەت بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، تۇل ئايال ۋە پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشمۇ ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئىبنى ھەبىيرە مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت؛ ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر قېتىمدىلا روزا تۇتقۇچى، كېچىدە قىيامدا تۇرغۇچى ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى جۇغلايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى تۇل ئايالغا نىسبەتەن يولدىشىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ خىزمىتىنى قىلدى.....، ئۆز ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەن مىسكىننىڭ خىزمىتىنى قىلدى، ئۆزىنىڭ ئارتۇق ماللىرىنى نەپىقە قىلدى، تېرىشىپ تاپقان مېلىنى سەدىقە قىلدى، بۇنىڭ پەزىلىتى روزا تۇتقاننىڭ، قىيامدا تۇرغاننىڭ ۋە جىھاد قىلغاننىڭ باراۋېرىدە بولىدۇ.
التصنيفات
بەدەن ئەمەللىرىنىڭ پەزىلىتى