قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دوزاخقا كېرىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە مەريەم 71-ئايەتتىكى«سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىن دوزاخقا…

قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دوزاخقا كېرىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە مەريەم 71-ئايەتتىكى«سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ»دېگەن قەسەمنىڭ مۇقەررەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئىنسان پىلسىرات كۆرۈكىدىن ئۆتۈش يۈزىسىدىن دوزاخقا بىر نۆۋەت يېقىنلىشىدۇ، ھەدىستە ئېيتىلغان قەسەم مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دوزاخقا كېرىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە مەريەم 71-ئايەتتىكى«سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ»دېگەن قەسەمنىڭ مۇقەررەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئىنسان پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش يۈزىسىدىن دوزاخقا بىر نۆۋەت يېقىنلىشىدۇ، ھەدىستە ئېيتىلغان قەسەم مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۈچ ئوغلى ياكى ئۈچ قىزى ياكى ئوقۇل-قىزلىرىدىن بولۇپ ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇپ، ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ ۋە سەۋىر قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىنى دوزاخ ئوتىغا كۆيدۈرمەيدۇ. پەقەت پىلسىراتتىن ئۆتكەندە قەسەمنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن بىر نۆۋەت يېقىنلىشىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ»مەريەم سۈرىسى 71-ئايەت

التصنيفات

بەدەن ئەمەللىرىنىڭ پەزىلىتى, گۈزەل ئەخلاقلار