كىمكى ئۆز قېرىندىشىنى بىر يىل تاشلىۋەتسە ئۇنىڭ قېنىنى تۆككەنگە ئوخشاش

كىمكى ئۆز قېرىندىشىنى بىر يىل تاشلىۋەتسە ئۇنىڭ قېنىنى تۆككەنگە ئوخشاش

ئەبۇ خىراش ھەدرەد ئىبنى ئەبۇ ھەدرەد ئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆز قېرىندىشىنى بىر يىل تاشلىۋەتسە ئۇنىڭ قېنىنى تۆككەنگە ئوخشاش»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

شەرئى سەۋەبسىز ئۆز قېرىندىشىنى تاشلىۋەتسە يەنى ئىزدەشمىسە، بۇنى بىر يىلغىچە داۋاملاشتۇرسا ئۇ كىشى جازاغا لايىق بولىدۇ. خۇددى ئۇ كىشىنىڭ قېنىنى تۆككۈچى جازاغا لايىق بولغانغا ئوخشاش، بۇ جازا ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ قارىشى بويىچە باشقىلارنى مۇشۇنداق ئىشلاردىن چەكلەش ئۈچۈن ئۇ كىشىنى ئەدەپلەش ھېسابلىنىدۇ، ئەمما شەرئى سەۋەپ بىلەن تاشلىۋەتكەن بولسا يەنى ئۇ بىدئەتچى، پاسىق كىشىلەردىن بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھغا تەۋبە قىلغانلىقى ۋە ھەقىقەتكە قايتقانلىقى ئاشكارا بولغانغا قەدەر ئۇنى تاشلىۋېتىش يەنى ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ

التصنيفات

پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق, ناچار ئەخلاقلار, ئىختىلاپنىڭ ئەخلاقى