بىراۋنىڭ «پالانى-پالانى ئايەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم» دېيىشى نېمىدېگەن يامان؟! ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنتۇلدۇرۇلغان، شۇڭا قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ…

بىراۋنىڭ «پالانى-پالانى ئايەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم» دېيىشى نېمىدېگەن يامان؟! ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنتۇلدۇرۇلغان، شۇڭا قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىىدىن چارۋىلار باغلاقتىن قاچقاندىنمۇ تىز قاچىدۇ

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بىراۋنىڭ پالانى-پالانى ئايەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم، دېيىشى نېمىدېگەن يامان؟! ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنتۇلدۇرۇلغان. شۇڭا قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىىدىن تۆگە باغلاقتىن قاچقاندىنمۇ تىز قاچىدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ «پالانى ۋە پالانى ئايەتلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم» دېگەن كىشىنى سۆككەنلىكى بايان قىلىنغان، چۈنكى بۇ ئىش قۇرئان كەرىمگە سەل قاراپ، ئۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ كىشى قۇرئانغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، تەكرارلاشقا سۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنتۇلدۇرۇلۇش بىلەن جازالاندى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرئاننى ئىزچىل تىلاۋەت قىلىشقا، تەكرارلاشقا، دەرسلىك قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى. ئۇ: «قۇرئان كەرىم كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن تۆگە قاچقاندىنمۇ بەك قاچىدۇ» دېدى، تۆگە ھايۋانلار ئىچىدە قاچقاق، قېچىپ كەتكەندە ئۇنى تۇتۇپ كېلىش قېيىن ھايۋان بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان

التصنيفات

قۇرئان كىرىمگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ پەزىلىتى