إعدادات العرض
1- بۇ قۇرئاننى لازىم تۇتۇڭلار! مېنىڭ جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى ئۇ باغلاقلىق تۆگىدىنمۇ بەك قاچىدۇ
2- سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەن كىشىلەردۇر
3- كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ
4- ?قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇئمىن پورتۇقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى تاتلىق ۋە تەمىمۇ تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق
5- ?قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتكىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ
6- بىراۋنىڭ «پالانى-پالانى ئايەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم» دېيىشى نېمىدېگەن يامان؟! ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنتۇلدۇرۇلغان، شۇڭا قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىىدىن چارۋىلار باغلاقتىن قاچقاندىنمۇ تىز قاچىدۇ