إعدادات العرض
قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇئمىن پورتۇقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى تاتلىق ۋە تەمىمۇ تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق،…
قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇئمىن پورتۇقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى تاتلىق ۋە تەمىمۇ تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق
ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇئمىن پورتۇقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى تاتلىق ۋە تەمىمۇ تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇناپىق رەيھان گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشپۇراق، تەمى ئاچچىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇناپىق ئاچچىق تاۋۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى ئاچچىق بولىدۇ».
الترجمة
العربية Bosanski English فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी Español Kurdî Português සිංහල Svenska ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Tiếng Việt Hausa Kiswahili پښتو অসমীয়া دری Кыргызча or Malagasy Čeština नेपाली Oromoo Română Nederlands Soomaali తెలుగు മലയാളം Српски ไทย Kinyarwanda ಕನ್ನಡ Lietuvių Wolof ქართული Magyar Moore Українськаالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئان ئوقۇيالايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ تۈرىنى بايان قىلىپ بەردى: بىرىنچى تۈردىكى: قۇرئان ئوقۇيالايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغان مۇئمىن دېگەن؛ رەڭگى چېرايلىق، تەمى تاتلىق ۋە خۇشپۇراق پورتىقال مېۋىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدۇ، ئۇ كىشى ئوقۇغىنىغا ئەمەل قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۇ كىشىدىن مەنپەئەت ئالىدۇ. ئىككىنچى تۈرى: قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن، بۇ كىشى خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق بولىدۇ، خۇددى خورما كىشىلەرگە خۇش پۇراق بىرەلمىسىمۇ ئۆزىنىڭ تەمىدە تاتلىق بىر تەمنى ئۆز ئېچىگە ئالغاندەك، مۇئمىننىڭ دىلىمۇ ئىماننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۈچىنچى تۈردىكى: قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇناپىق، ئۇ رەيھان گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى ئاچچىق، ئىمان بىلەن دىلى تۈزەلمىگەن، قۇرئان روھى بويىنچە ئەمەل قىلمىغان، كىشىلەر ئارىسىدا مۇئمىندەك كۆرۈنىدۇ، پۇرىقىنىڭ تاتلىق بولىشى ئوقۇغان تىلاۋېتىگە ئوخشايدۇ، تەمىنىڭ ئاچچىق بولىشى يوشۇرغان كۆپرىغا ئوخشايدۇ. تۆتىنچى تۈرى: قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇناپىق، بۇ توڭ تاۋۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ھېچ بىر پۇرىقىمۇ يوق، تەمى ئاچچىق، پۇرىقىنىڭ بولماسلىقى قۇرئان ئوقۇيالماسلىقىغا ئوخشايدۇ، تەمىنىڭ ئاچچىقلىقى يوشۇرغان كۇپىرنىڭ زەھىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئېچى ئىماندىن خالى، سېرتقى كۆرۈنىشىدىمۇ مەنپەئەت يوق، بەلكى ئۇ ھەر تەرەپتىن زىيانلىقتۇر.فوائد الحديث
قۇرئان ئوقۇيالايدىغان، ياد قىلغان ۋە ھۆكمىگە ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ.
چۈشەنچىنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مىسال بايان قىلىپ بېرىشمۇ تەلىم-تەربىيە ئۇسلۇبىدىندۇر.
مۇسۇلماننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن كۈندىلىك ئوقۇيدىغان ۋەزىپىسى بولىشى كېرەك.