?سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەنلىرىڭلاردۇر

?سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەنلىرىڭلاردۇر

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەنلىرىڭلاردۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنىنى بايان قىلىپ: ئۇ، قۇرئان كەرىمنى ئۆلچەملىك ئوقۇش، ياد قىلىش، چۈشىنىش ۋە ئىزاھلىرىنى ئۈگىنىش، ئۆزى ئۈگەنگەن قۇرئان كەرىم بىلىملىرىنى باشقىلارغا ئۈگىتىش بىلەن بىرگە ئەمەل قىلغان كىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.

فوائد الحديث

بۇ ھەدىستە قۇرئان كەرىمنىڭ سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئۇ ئاللاھنىڭ سۆزى ئ‍ىكەنلىكتىن ئىبارەت قۇرئان كەرىمنىڭ شەرىپىنى بايان قىلىش.

ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆزى ئۈگىنىپلا توختىماستىن باشقىلارغىمۇ ئۈگەتكەن كىشىدۇر.

قۇرئان كەرىمنى ئۈگىنىش ۋە ئۈگىتىش ئۇنىڭ تىلاۋەت، مەنا ۋە ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

التصنيفات

قۇرئان كىرىمگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ پەزىلىتى