?قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت…

?قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتكىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ

ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتكىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ».

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم قۇرئان ئوقۇغۇچى، قارىغا، ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلغۇچىغا ۋە قۇرئاننى ياد قىلغۇچىغا جەننەتكە كىرگەندە: قۇرئان ئوقۇغىن، شۇنىڭ بىلەن جەننەتتىكى يۇقىرى دەرىجىگە ئۆرلىگىن، دۇنيادا ئالدىرماي تەرتىل بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلغىن، سىنىڭ ئورنۇڭ سەن ئوقۇغان ئەڭ ئاخىرىقى ئايەتكىچە بولىدۇ دېيىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

فوائد الحديث

مۇكاپات ئەمەلنىڭ مىقدارى ۋە ئادا قىلىنىشىغا مۇۋاپىق بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، تەكرارلاش، ياد قىلىش، مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

جەننەتتە ئالى ئورۇنلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلەر بار، قۇرئان ساھىبلىرى جەننەتتە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشىدۇ.

التصنيفات

قۇرئان كىرىمگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ پەزىلىتى, قۇرئان كىرىمگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ پەزىلىتى, قۇرئان كىرىمىڭ پەزىلىتى, قۇرئان كىرىمىڭ پەزىلىتى