إعدادات العرض
شۈبھىسىزكى، ھەر پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ، مېنىڭ ياردەمچىم زۇبەير
شۈبھىسىزكى، ھەر پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ، مېنىڭ ياردەمچىم زۇبەير
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھزاب كۈنىدە: «كىم ماڭا بەنى قۇرەيزىنىڭ خەۋىرىنى ئۇقۇپ كېلىدۇ؟» دېگەندە، زۇبەير: مەن،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «كىم ماڭا بەنى قۇرەيزىنىڭ خەۋىرىنى ئۇقۇپ كېلىدۇ؟» دېگەندە، زۇبەير: مەن، دېدى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ھەر پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ، مېنىڭ ياردەمچىم زۇبەير» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tagalog Hausa Kurdîالشرح
ئەھزاب ئۇرۇشى بولغاندا، قۇرەيش ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەدىنىگە كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك كولىدى، مۇسۇلمانلارغا بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئەھدىنى بۇزۇپ، قۇرەيشلەر بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا پۈتۈشكەنلىك خەۋىرى كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم ماڭا بەنى قۇرەيزىنىڭ خەۋىرىنى ئۇقۇپ كېلىدۇ؟» دېگەندە، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام: ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى مەن ئۇقۇشۇپ كىلەي،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر قىتىم: «كىم ماڭا بەنى قۇرەيزىنىڭ خەۋىرىنى ئۇقۇپ كېلىدۇ؟» دېگەندە، زۇبەير: مەن، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇ ۋاقىتتا: «ھەقىقەتەن ھەر پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى بولىدۇ، مېنىڭ ياردەمچىم زۇبەير» دېدىالتصنيفات
ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى