رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتتىن يېقىلىپ چۈشۈپ ئوڭ يېنى سۈرۈلۈپ كەتكەن

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتتىن يېقىلىپ چۈشۈپ ئوڭ يېنى سۈرۈلۈپ كەتكەن

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتتىن يېقىلىپ چۈشۈپ، ئوڭ يېنى سۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى، مەلۇم بىر نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇدى، بىزمۇ ئارقىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇدۇق. رەسۇلۇللاھ نامازنى يانغاندا: «ئىمام پەقەت باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن بېكىتىلىدۇ. ئۇ نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇسا، سىلەرمۇ ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇڭلار. ئۇ رۇكۇ قىلسا، رۇكۇ قىلىڭلار، بېشىنى كۆتۈرگەندە سىلەرمۇ كۆتۈرۈڭلار. ئۇ: "سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ" دېگەندە: "رەببەنا لەكەل ھەمد" دەڭلار، ئۇ نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇسا، سىلەرمۇ ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇڭلار. ئۇ ئولتۇرۇپ ئوقۇسا، ھەممىڭلار ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتقا مىنگەندە ئۇنىڭدىن يېقىلىپ چۈشۈپ ئوڭ يېنى سۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى، ساھابىلەرگە مەلۇم بىر نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇپ بەردى، ساھابىلەرمۇ ئارقىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇدى رەسۇلۇللاھ نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا: ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامغا ھەر بىر ئىشتا ئەگىشىدۇ، تەكبىر ئوقۇسا تەكبىر ئوقۇيدۇ، رۇكۇ قىلسا بىرگە رۇكۇ قىلىدۇ، سەجدە قىلغاندا بىرگە سەجدە قىلىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيدۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇلاغدىن يىقىلىپ چۈشكەندە ئولتۇرۇپ ئوقۇسا، ساھابىلەرمۇ ئارقىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇغىنىدەك، ئىمام مۇقىم بولۇپ، نامازنى ئولتۇرۇپ باشلىسا، ئەگەشكۈچىمۇ ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ

التصنيفات

ئىمام ۋە جامائەتكە ئالاقىدار ھۆكۈملەر