ھۇزەيل قەبىلىسىدىن ئىككى ئايال ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىگە تاش ئېتىپ، ئۇنى ۋە قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى

ھۇزەيل قەبىلىسىدىن ئىككى ئايال ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىگە تاش ئېتىپ، ئۇنى ۋە قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن، ھۇزەيل قەبىلىسىدىن ئىككى ئايال ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىگە تاش ئېتىپ، ئۇنى ۋە قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى دەۋا قىلىشىپ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ھامىلىنىڭ دىيىتى ئۈچۈن بىر قۇل ياكى بىر دېدەك بېرىلىشى، ئايالنىڭ دىيىتىنى ئۆلتۈرگۈچى ئايالنىڭ ئەر تۇغقانلىرى تۆلەپ بېرىشى كېرەك دەپ ھۆكۈم قىلدى. بۇ دىيەتنى ئۆلتۈرۈلگەن ئايالنىڭ بالىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا مىراس قىلىپ بۆلۈپ بەردى. ھۇزەيل قەبىلىسىدىن ھەمەل ئىبنى نابىغە: ئى رەسۇلۇللاھ! يېمىگەن، ئىچمىگەن، سۆزلەپمۇ باقمىغان، ھەتتا ئاۋازمۇ چىقارمىغان بىر تۆرەلمىگە قانداقسىگە تۆلەم تۆلەيمەن؟ بۇنداق تۆرەلمىگە ئادەتتە تۆلەم تۆلەنمەيدۇ، دېدى. ئۇنىڭ قاپىيىلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: بۇ ئادەم كاھىنلارنىڭ قېرىندىشى ئىكەن، دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ھۇزەيل قەبىلىسىدىن ئىككى كۈندەش ئايال جىدەللىشىپ قالدى، بىرى يەنە بىرىنىڭ قورسىقىغا ئادەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئادەم ئولمەيدىغان كىچىك بىر تاشنى ئاتقان ئىدى، ئۇ ئايال ۋە قورسىقىدىكى بالىسى ئۆلۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھامىلىگە بىر قۇل ياكى بىر دېدەك تولەم بېرىش بىلەن ھۆكۇم قىلدى. مەيلى ئۇ ھامىلە قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن. بۇ دىيەتنى ئۆلتۈرگۈچى ئايال بېرىدۇ. ئەمما ئۆلگۈچى ئايالنىڭ دىيىتى تولۇق دىيەت بولىدۇ. چۈنكى ئۇ يېرىم قەستەنلىك بولغانلىقتىن، ئۇنى قاتىل ئايالنىڭ ئەر ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىرىدۇ، سەۋەبى ئۇرۇق-تۇققانلار ئالاقىسى ياردەملىشىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان. ھەم بۇ قاتىللىقتا يېرىم قەستەنلىك بار. ئۆلگۈچىنىڭ دىيىتى مىراس بولۇپ باللىرىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن مىراس ئالىدىغانلاغا بېرىلىدۇ. ئۇرۇق-تۇققانلارغا ھېچ نەرسە بىرىلمەيدۇ. قاتىلنىڭ دادىسى ھەمەل ئىبنى نابىغە: ئى رەسۇلۇللاھ! قورساقتىن چۈشۈپ كەتكەن، يېمىگەن، ئىچمىگەن، سۆزلەپمۇ باقمىغان، تىرىك ئىكەنلىكى بىلىنمىگەن تۆرەلمىگە قانداقسىگە تۆلەم تۆلەيمىز؟ دەپ قاپىيە ئۇسلۇبى بىلەن بايان قىلدى. ئۇنىڭ قاپىيىلىك سۆزلىرىنى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆچ كۆردى. چۈنكى ئۇنىڭدا شەرىئەت ئەھكامىنى بۇ قاپىيداش كاھىنلارنىڭ سۆزلىرى بىلەن رەت قىلغان ئىدى. كاھىنلار بۇنىڭغا ئوخشىغان سۆزلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ مال مۈلىكىنى ناھەق يەيتتى

التصنيفات

دىيەت