إعدادات العرض
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالتۇندىن بىر تال ئۈزۈك ياساتتى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالتۇندىن بىر تال ئۈزۈك ياساتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالتۇندىن بىر تال ئۈزۈك ياساتقان، ئۇنى تاقىغاندا كۆزىنى ئالقىنى تەرەپكە قىلىۋالاتتى، ساھابىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك ياساتتى. ئاندىن كېيىن بىر كۈنلەردە رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ ئۈزۈكنى ئېلىۋەتتى ۋە مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى قولۇمنىڭ ئىچى تەرەپكە قىلىپ تاقايتىم، دەپ تاشلىۋەتتى ۋە مۇنداق دېدى: ئاللاھ بىلەن قەسەم بۇنداق ئۈزۈكنى ھەرگىز تاقىمايمەن دېدى. ساھابىلەرمۇ ئۈزۈكلىرىنى تاشلىۋېتىشتى. يەنە بىر ئىبارىدە: رەسۇلۇللاھ ئۈزۈكنى ئوڭ قولىغا سالغان، دەپ كەلگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tagalog Hausa Português മലയാളം Kurdî Русскийالشرح
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىگە بىر تال ئۈزۈك ياساتقان، ئۈزۈكنى سالغاندا ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى ئالقىنى تەرەپكە قىلىپ سالاتتى، ساھابىلەرمۇ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ شۇنداق قىلىشقا باشلىدى. ئاندىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېين ساھابىلەرگە كۆرسۈتۈش ئۈچۈن مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى ئالقىنىم تەرىپىگە قىلىپ سالاتتىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەمدى بۇ ئۈزۈكنى سالمايمەن، دەپ تاشلىۋەتتى. بۇ ئىش ئەرلەرگە ئالتۇن ئۈزۈك ھارام قىلىنغاندىن كېيىنلا بولغان. ساھابىلەرمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگەشكەن جەھەتتىن ئۈزۈكلىرىنى تاشلىۋەتتىالتصنيفات
كىيىم كىيىش ئەخلاقى