إعدادات العرض
1- سىلەر ھەرخىل يىپەك كىيىمنى كىيمەڭلار، ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىدا سۇ ئىچمەڭلار، ئۇ ئىككىسىدىن بولغان تەخسىدە تاماق يىمەڭلار! ئۇ نەرسىلەر دۇنيادا كاپىرلارغا ئاخرەتتە سىلەرگە مەنسۇپتۇر
2- يىپەك كىيىم كىيمەڭلار! ئۇنى دۇنيادا كىيگەن ئادەمنىڭ ئاخىرەتتە كىيمەيدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوق
3- ئەر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە، ئايال ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا بولمايدۇ، ئەر ئەرگە بىر يىپىنچا ئىچىدە تېگىشسە بولمايدۇ، ئايالمۇ ئايالغا بىر كىيىم ئىچىدە تېگىشسە بولمايدۇ
4- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالتۇندىن بىر تال ئۈزۈك ياساتتى
5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، پەقەت ئىككى ياكى ئۈچ ياكى تۆت بارماق مىقدارىدىن زىيادە يىپەك كىيىم كىيىشتىن چەكلىدى