إعدادات العرض
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، پەقەت ئىككى ياكى ئۈچ ياكى تۆت بارماق مىقدارىدىن زىيادە يىپەك كىيىم كىيىشتىن چەكلىدى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، پەقەت ئىككى ياكى ئۈچ ياكى تۆت بارماق مىقدارىدىن زىيادە يىپەك كىيىم كىيىشتىن چەكلىدى
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېپەك كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلىدى. بۇنىڭدىن پەقەت مۇنچىلىك بولغىنىنى مۇستەسنا قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى بارمىقىنى يەنى: كۆرسەتكۈچ بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى كۆتۈردى. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەقەت ئىككى ياكى ئۈچ ياكى تۆت بارماق مىقدارىدىن زىيادە يىپەك كىيىم كىيىشتىن چەكلىدى، دەپ رىۋايەت قىلدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Português മലയാളം Kurdîالشرح
ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرنى يىپەك كىيىم كىيىشتىن ئۆزى مۇستەسنا قىلىنغان مىقداردىن باشقىسىنى چەكلىدى. بىرلىككە كەلگەن ھەدىستە مۇستەسنا قىلىنغىنى، ئىككى بارماق مىقدارىدۇر. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئۈچ ياكى تۆت بارماق دەپ كەلگەن. ئەڭ كۆپ كەلگىنىنى ئالساق بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندا كىيىمدە يىپەكنىڭ نىسبىتى تۆت بارماق مىقدارىغىچە بولسا ھېچقىسى يوق. تەئسىسۇل ئەھكامغا مۇراجىئەت قىلىنسۇنالتصنيفات
كىيىم كىيىش ئەخلاقى