ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋپ ۋە زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىتلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دەرد تۆكتى

ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋپ ۋە زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىتلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دەرد تۆكتى

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر غازاتتا ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋپ ۋە زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىتلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دەرد تۆكتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئىككەيلەنگە يىپەك كېيىم كىيىشكە رۇخسەت قىلدى، مەن ئۇلارنىڭ يىپەك كېيىم كەيگەنلىكىنى كۆردۈم

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئىسلام دىنىنىڭ ئاسانلىقىدىن: رۇخسەت قىلىنىش سەۋەپلىرى تىپىلسا بەزى چەكلەنگەن نەرسىلەرنىمۇ ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زۇبەير ۋە ئابدۇراھمان قاتارلىق ساھابىلارغا يىپەك كىيىم كىيىشكە رۇخسەت قىلغان، چۈنكى يىپەك پىتنى يوق قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا يىپەكتە بەدەن پىتلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان شۇنداق بىر خۇسۇسىيەتنى قىلغان، شۇنىڭدەك يىپەك كىيىم قىچىشقاق بولۇپ قالغان كىشىگىمۇ ياخشى كېلىدۇ

التصنيفات

كىيىم-كىچەك، زىبۇ-زىننەت, داۋالىنىشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر