رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مېنىڭ ئۇھۇد جېڭىغا قاتنىشىشىمنى ئىلتىماس قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ مېنى رەت قىلغان، شۇ كۈندە مەن ئون تۆرت ياش ئىدىم

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مېنىڭ ئۇھۇد جېڭىغا قاتنىشىشىمنى ئىلتىماس قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ مېنى رەت قىلغان، شۇ كۈندە مەن ئون تۆرت ياش ئىدىم

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مېنىڭ ئۇھۇد جېڭىغا قاتنىشىشىمنى ئىلتىماس قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ مېنى رەت قىلغان ئىدى، شۇ كۈندە مەن ئون تۆرت ياش ئىدىم. خەندەك غازىتى كۈنى ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلغاندا، مەن ئون بەش ياش ئىدىم

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۇھۇد جېڭىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، (يەنى ھىجرىيەنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا) ئۇنىڭ يىشى ئون تۆرت ياش ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ جىھادقا قاتنىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن خەندەق غازىتى يىلى (يەنى ھىجرىيەنىڭ بەشىنچى يىلىدا) ئۇنىڭ يىشى ئون بەش ياش ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا قايتا جىھادقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت بەردى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ يىشى يەنى ئۇھۇد غازىتى كۈنلىرىدە ئون تۆت ياشقا ئەمدى كىرگەن، خەندەق غازىتى كۈنلىرىدە ئون بەش ياشقا تولغان كۈنلىرى ئىدى

التصنيفات

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلغان ۋە قوشۇن ئەۋەتكەن ئۇرۇشلىرى