إعدادات العرض
1- ئەتە بايراقنى چوقۇم، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇنىمۇ ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشىگە بېرىمەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى بىلەن پەتھىنى نېسىپ قىلىدۇ
2- بىر ئادەم ئوھۇد كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئەگەر مەن ئۆلتۈرۈلسەم نەدە بولىمەن؟ دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: جەننەتە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم قولىدىكى بىر قانچە تال خورمىنى تاشلىۋەتتى ۋە جەڭ مەيدانىغا كىرىپ شېھىت بولغۇنچە قەدەر ئېلىشتى
3- بەدىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا قارىدى، ئۇلار مىڭ ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۈچ يۈز ئون توققۇز كىشى ئىدى
4- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مېنىڭ ئۇھۇد جېڭىغا قاتنىشىشىمنى ئىلتىماس قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ مېنى رەت قىلغان، شۇ كۈندە مەن ئون تۆرت ياش ئىدىم
5- يا رەسۇلۇللاھ! مەن كۈن ئولتۇرۇپ كەتكىچە ئەسىرنى ئوقۇيالمىدىم، دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەنمۇ ئوقۇيالمىدىم دېدى، ئاندىن بەتھان دېگەن جايغا چۈشۈپ تاھارەت ئالدى، بىزمۇ تاھارەت ئالدۇق، رەسۇلۇللاھ كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر ئوقۇدى، ئاندىن ئۇنىڭ كەينىدىن شامنى ئوقۇدى
6- بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن غازاتقا چىقتۇق، ئارىمىزدا ھەر ئالتەيلەنگە بىر تۆگە بار بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ مىنەتتۇق، پۇتلىرىمىز قاپىرىپ كەتتى، مېنىڭمۇ پۇتلىرىم قاپىرىپ كەتتى
7- مەككە ئازاد بولغان يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەندە بېشىدا دۇبۇلغا بار ئىدى، دۇبۇلغىنى ئالغاندا بىرسى كېلىپ: ئىبنى خەتەل كەبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسىلىپ تۇرۇۋاپتۇ، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىڭلار» دېدى
8- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك غازىتىدىن قايتىپ، قورال-ياراقلىرىنى قويۇپ، غۇسلى قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىغا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ: «قورالنى قويۇپ بولدۇڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز تېخى قورالىمىزنى قويمىدۇق، ئۇلار تەرەپكە ئاتلان» دېدى