بىر ئادەم ئوھۇد كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئەگەر مەن ئۆلتۈرۈلسەم نەدە بولىمەن؟ دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: جەننەتە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ…

بىر ئادەم ئوھۇد كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئەگەر مەن ئۆلتۈرۈلسەم نەدە بولىمەن؟ دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: جەننەتە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم قولىدىكى بىر قانچە تال خورمىنى تاشلىۋەتتى ۋە جەڭ مەيدانىغا كىرىپ شېھىت بولغۇنچە قەدەر ئېلىشتى

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم ئوھۇد كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئەگەر مەن ئۆلتۈرۈلسەم نەدە بولىمەن؟ دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: جەننەتە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم قولىدىكى بىر قانچە تال خورمىنى تاشلىۋەتتى ۋە «جەڭ مەيدانىغا كىرىپ» قاتتىق ئېلىشىپ ئاخىرى شېھىت بولدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بىرىپ، ئۇمەيىر ئىبنى ھۇمام ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇھۇد كۈنى مۇنداق دېدى: ئى رەسۇلۇللاھ مەن جەڭ قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەم قانداق بولىمەن؟ دېدى. يەنى مۇشرىكلارغا قارشى جىھاد قىلىپ بۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسەم مېنىڭ ئاقىۋىتىم قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: سەن جەننەتتە بولىسەن، دېگەن ئىدى. ئۇ كىشى قولىدىكى يەۋاتقان خورمىنى تاشلىۋېتىپ: بۇ خورمىلارنى يەپ بولغۇچە ئۇزۇن ياشىغۇدەكمەن. دېگىنىچە جەڭ مەيدانىغا كىرىپ كەتتى ۋە شۇ جەڭدە شېھىت بولدى

التصنيفات

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلغان ۋە قوشۇن ئەۋەتكەن ئۇرۇشلىرى, جىھادنىڭ پەزىلىتى